u=449958928,389660319&fm=15&gp=0.jpg

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار !
تورداشلارغا مەلۇملۇق ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ماتېرىياللار ئاساسەن دېگۈدەك بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللانغان بولۇپ، مەزكۇر تور دىسكىسى دىيارىمىزدا نورمال ئېچىلمايدۇ، يەنى كومپيۇتېردا نورمال ئېچىلمايدۇ، لېكىن يان تېلېفوندا نورمال ئېچىلىدۇ، ئەگەر بىز بىرەر ماتېرىيالنى چۈشۈرمەكچى بولساق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ ماتېرىيال ئادرېسىنى يان تېلېفوندا ئېچىپ، ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن كومپيۇتېردا تور دىسكىمىزنى ئېچىپ چۈشۈرۈپ دېگەندەك قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

ئەلۋەتتە يەنە ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتلىرىگە تايىنىش ئارقىلىق كومپيۇتېردا ھەم چۈشۈرۈشكە ھەم بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتلىرىمۇ تازا نورمال بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر كۈن نورمال ئېچىلسا يەنە بىر كۈن ئېچىلمىغان ياكى تاقىلىپ قالغان دېگەندەك مەسىلىلەر تۈپەيلى جىددىي لازىم بولغاندا ئېچىلماي خاپا سالىدۇ، ئۇنداقتا يەنە باشقا ياخشى بولغان ئۇسۇللار يوقمۇ ؟

ئەلۋەتتە بار !

بۈگۈن سىلەرگە ناھايىتى ئاددىي لېكىن ھەر ۋاقىت ئەز قاتىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدىلا گۇگۇل تور كۆرگۈچىدىن پايدىلىنىپ بەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق ھەم بەھرىلەنگەن ماتېرىياللار ئادرېسىنى نورمال ئېچىش ۋە ساقلاش.

ئۇنداق بىز باشلاپ كېتەيلى….

تەييارلىق :
سىز ئالدى بىلەن گۇگۇل تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.
تور كۆرگۈچنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بەيدۇ ياكى باشقا ئىزدەش ماتورلىرىغا  « google chrome » دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزمۇ ياكى ئورگان تورىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورگان ئادرېسى :

https://www.google.cn/intl/zh-CN/chrome

خۇش چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز، ئەمدى ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارايلى. « چۈنكى بەيدۇ تور دىسكىسىنى نورمال ئېچىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىمدا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز، بىر قېتىم تەڭشىۋالساق ئۇنىڭدىن كىيىن تەڭشەش ئېلىپ بارمىساقمۇ بولىدۇ ».

ئالدى بىلەن بىز گۇگۇل تور كۆرگۈچىنى قوزغىتىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىك ئىچىدىن ئەڭ ئاستىدىكى « 检查 » دېگەننى چېكىپ  « 开发者工具 » رايونىغا كىرىمىز. ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن« Ctrl+Shift+i » نى تەڭلا بېسىش ئارقىلىق كىرسەكمۇ بولىدۇ.

检查.png

ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۇستى تىزىملىك رايونىدىن ئايپەد بىلەن ئايفوننىڭ رەسىمىنى تاللايمىز، ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن « Ctrl+Shift+M » نى باسساقمۇ تاللىنىدۇ. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

0.png

ئەمدى سول تەرەپ ئۇستى تىزىملىك رايونىدىن« Responsive »دېگەن خەتنى چېكىپ مەلۇم بىر دانا كۆچمە ئۈسكىنە تاللايمىز. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

01.png

مەن ئېكران چوڭراق كۆرۈنسۇن ئۈچۈن iPhone X نى تاللىدىم، ئەلۋەتتە سىز خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى بىز بەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق ھەم بەھرىلەنگەن بىر ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ چاپلاپ باقايلى. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

مىسال ئۈچۈن بىر ئادرېس قالدۇراي :

https://pan.baidu.com/s/1VFeb6vIVD_BpxDOCKddrhQ

پارول : 0n64

02.png

قانداق نورمال ئېچىلدىمۇ؟
ئەمدى پارولنى كىرگۈزۈپ ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلىۋالساق بولىدۇ. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

03.png

ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىمىزدىكى بەيدۇ تور دىسكىسى غوجىدارىنى قوزغۇتۇپ چۈشۈرۈۋالساق بولىدۇ.

خۇش ئەمدى تۇنجى قېتىمدا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولدۇق، لېكىن ئەمدى بۇندىن كىيىن بۇنداق تەڭشەپ ئولتۇرماي بىۋاسىتە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىك ئىچىدىن ئەڭ ئاستىدىكى « 检查 » دېگەننى چېكىپ، ئادرېسنى چاپلاپ « Enter » نى باسساقلام ئېچىلىدۇ.« ئەلۋەتتە ئادرېس ئەمەلدىن قالمىغانلا بولسا نورمال ئېچىلىدۇ. ئەگەر ئادرېس ئەمەلدىن قالغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئېچىلمايدۇ ». 

يۇقىرىدا بىز گۇگۇل تور كۆرگۈچىنىڭ « Responsive Web Design Tester » تۈرىدىن پايدىلاندۇق، بۇ گۇگۇل تور كۆرگۈچىنىڭ تور بېكەتلەرنى كۆچمە ئۈسكۈنە ئارقىلىق سىناش ئىقتىدارى بولۇپ، مانا ئەمدى بىزگە ئەز قېتىپ قالدى.

© 版权声明
ئىنكاس تىز بىرىنچى ئورۇننى ئېلىڭ