ياخشىمۇسىلە بىلىملەر مۇنبىرىدىكى  بىلىمخۇمارلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ،(بىكەت باشلىقىغا ئازراق تەكلىپىم ئىنتىرنىت دەۋىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تور بىكەتنى كومپىيوتىردا زىيارەت قىلغانغا قارىغاندا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىشى يۇقىرى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،شۇڭا بىلىملەر تورنىڭ كۆچمە نۇسقىسىنى ياساپ چىقساق بۇلاتتى شەخسەن ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتسام مەن بىلىملەر تورى بىلەن تۇنۇشقىلى 6يىلدىن ئىشىپتۇ بۇرۇن كۈندە دىگىدەك ئىچىپ تۇراتتىم ھازىر داۋاملىق كومپىيوتىر ئالدىدا بۇلالمىغاچقا ئۈچ تۆت كۈندە بىرە ھەپتىدە ئاران بىر زىيارەت قىلىمەن ،ھازىر يانفۇن ھەممەيلەننڭى ئايرىلماس بىر قىسىمىمىزغا ئايلاندى بىلىملەرنى يانفۇندا زىيارەت قىلىش ئەمەلگە ئاشسا خالىغان ۋاقىتتا يانفۇندىلا بىلىملەرنى زىيارەت قىلالىساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن ،قالغىنى بىكەت باشلىقى ۋە ئەزالار نىمە دەيدۇ شۇنىڭغا قارايمەن، بىكەت باشلىقىنىڭ ۋاقتى چىقمىسا بىز ياساپ چىقساقمۇ بۇلاتتى  )
يىقىندىن بىرى ھەرخىل كىنو ئەپچاق ۋە كىنو سالونلىرى ئىچىۋاتقان تورداشلارغا كىنو مەنبەسەنىڭ كەمچىل بۇلىشى سەۋەبلىك سىلەرگە ئەپچاقتىن كىنو ئادىرىسى تۇتۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن
ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىمىزغا fiddler نى چۈشۈرىمىز (مەنبە تۇتۇش دىتالى )   بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ 
دىتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Fiddlerدىگەننى بىسىپ دىتالنى قوزغىتىمىز ،بۇ دىتال ئەسلى ھەقلىق ھەم ئىنگىلىسچە دىتال بۇلۇپ مەن يىشىۋىتىلگەن يىشىل ھالەتتىكى دۆلەت تىلى تىلىدىكى دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويدۇم دىتالنى قاچىلاش ھاجەتسىز بىسىپلا قوزغۇتالايسىز ئەسكەرتىش ،دىتالنى ئاچقاندىن كىيىن يىڭىلامسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ ،بۇ يەردە سىز ياق دىگەننى بىسىڭ يىڭىلىۋەتسىڭىز ھەقسىز ئىشلىتەلمەيسىز
QQ浏览器截图20200730141817.png
دىتالنىڭ قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرىنىدۇ
QQ浏览器截图20200730142700.png
بىز ئالدى بىلەن دىتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرىنى تەڭشىۋالىمىز
دىتالنىڭ ئۈستى تىزىملىكتىكى 工具 نى بىسىپ چىققان تىزىملىكتىن 选项نى باسىمىز
QQ浏览器截图20200730142812.png
باسقاندىن كىيىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ
QQ浏览器截图20200730142945.png
بۇ يەردىن كۆزنەكنىڭ httpsدىگەن تاللىغۇچىغا كىرىپ 解密https流量دىگەنگە توغرا بەلگىسى قۇيساق بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ
QQ浏览器截图20200730143309.png
بۇ ئەسكەرتىشتىن yesدىگەننى باسىمز ،بۇ Fiddlerنىڭ 证书سىنى قاچىلايدىغان يەر بۇ يەرنى چۇقۇم قىلىشىمىز كىرەك بولمىسا دىتالنى نۇرمال ئىشلىتەلمەيمىز
yesنى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ بۇ يەردىن يەنە 是نى باسىمىز
QQ浏览器截图20200730143459.png
是نى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ يەنە 是نى باسىمىز
QQ浏览器截图20200730143648.png
باسقاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ بۇ 证书نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچلانغانلىق ئەسكەرتىشى
QQ浏览器截图20200730143930.png

ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگە ئورۇنغا بەلگە قۇيۇپ مۇقۇملاشنى باسقاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى تۈگەيدۇ
QQ浏览器截图20200730144117.png

ئەمدى ئادىرىس تۇتشنى باشلىساق بۇلىدۇ
ئەمدى بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاقنى ئۈندىدارنىڭ كومپىيوتىر نۇسقىسىدا ئاچىمىز ،سىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاق بۇيەدە كۆرۈنمىسە ئۈندىدارنىڭ يانفۇن نۇسقىسىدا شۇ ئەپچاقنى بىر قىتىم ئىچىۋەتسىڭىز كۆرىنىدۇ
QQ浏览器截图20200730145457.png
QQ浏览器截图20200730145435.png
ئەپچاقنى ئاچقان ھامان دىتال ئەپچاقتىكى رەسىم ۋە باشقا  مەنبەلەرنى تۇتۇشقا باشلايدۇ
QQ浏览器截图20200730150214.png
بۇ يەردە بىز ئادىرىسىنى ئالماقچى بولغان كىنونى قۇيىمىز ،قويغاندىن كىيىن ئادىرىس تۇتۇشقا باشلايدۇ ،بۇ دىتال بىۋاستە كىنونىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تۇتىدىغان بۇلۇپ بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان كىنونىڭ m3u8فورماتىدىكى ئادىرىسىنى تىپىپ بىرىدۇ بىز بۇ ئادىرىسنى  m3u8 نى بىرلەشتۈردىغان دىتاللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ  كومپىيوتىرىمىزغا mp4ھالەتتە  ساقلىۋالىمىز ۋە بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ  ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن )  ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ
QQ浏览器截图20200730150404.png
بۇ يەردە بىز  پارچىلانغان فىلىمنىڭ خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز ئەسكەرتىش: فىلىنىڭ سۈرىتى بارى ئەمەس چۇقۇم ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك رەسىمى با خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز
QQ浏览器截图20200730151438.png
تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ كۆچۈرۈش دىگەننى بىسىپ كۆچۈرىۋالىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
QQ浏览器截图20200730151406.png
كۆچۈرگەن ئادىرىسنى تور كۆرگۈچكە ياكى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ كۆرۈپ باقىمىز ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىڭەيتىلگەن نامى m3u8بولسا توغرا بۇلىدۇ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
QQ浏览器截图20200730151749.png
ئەمسى بىز فىلىمنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلايمىز بىرلەشتۈردىغان دىتالنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ 
دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ دىتالنى ئاچىمىز
QQ浏览器截图20200730155127.png
دىتالنى ئاچقاندىن كىين ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ
QQ浏览器截图20200730155244.png
دىتال ئىچىلغاندىن كىيىن ئۈستىدىكى كاتىكچىگە بايا بىز كۆچۈرىۋالغان m3u8ئادىرىسىنى چاپلايمىز چاپلاپ 添加نى باسىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
QQ浏览器截图20200730155345.png
添加بە باسقاندىن كىيىن ۋەزىپە سىتونىدا بىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ
QQ浏览器截图20200730155413.png
بۇ يەدىن بىز 全部开始نى باسىمىز باسقاندىن كىيىن بىرلەشتۈرۈشكە  باشلايدۇ
QQ浏览器截图20200730155453.png
سەل ساقلاپ تۇرساق بىرلەشتۈرۈپ بولغانلىقنى ئەسكەرتىدۇ
QQ浏览器截图20200730160056.png
بۇ چاغدا بىز دىتالنىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ output دىگەن ھۆجەت قىسقۇچنى ئىچىپ قارايمىز
QQ浏览器截图20200730160138.png
قارىساق كىنونىڭ mp4ساقلىنىپ  بولغانلىقىنى كۆرىمىز
QQ浏览器截图20200730160300.png
كىنونى قۇيۇپ باقساقمۇ نۇرمال قۇيۇلىدۇ
QQ浏览器截图20200730160333.png
ئەمدى بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ  ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن )  ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ دەرىسلىك مۇشۇ يەدە ئاخىرلاشتى كۆپچىلىككە رەخمەت

ئاخىرىدا دىتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يەنە بىر تەمىنلەي
مەنبە تۇتۇش دىتالىنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ 
بىرلەشتۈرۈش دىتالىنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ 
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسىلىكنى كۆرۈپ ھەرقانداق نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ،ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىپ كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە بىلىملەر تورى ۋە تىما تەييارلىغۇچى مەسئۇل بولمايدۇ

ئەسلى مەنبە:  بىلىملەر تورى

© 版权声明
ئىنكاس ئومۇمى 9دانە ئىنكاس بار
    •  
    • تېلېفون ئارقىلىق ئادرېس تۇتساق، يەنى 抓包قىلساق، بىر مەخپى ئالاقە يولى شەكىللەندۈردىكەن، بۇ بىخەتەرم؟

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب
    •  
    • تېلېفون ئارقىلىق ئادرېس تۇتساق، يەنى 抓包قىلساق، بىر مەخپى ئالاقە يولى شەكىللەندۈردىكەن، بۇ بىخەتەرم؟

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب
    •  
    • تېلېفون ئارقىلىق ئادرېس تۇتساق، يەنى 抓包قىلساق، بىر مەخپى ئالاقە يولى شەكىللەندۈردىكەن، بۇ بىخەتەرم؟

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب
    •  
    • تېلېفون ئارقىلىق ئادرېس تۇتساق، يەنى 抓包قىلساق، بىر مەخپى ئالاقە يولى شەكىللەندۈردىكەن، بۇ بىخەتەرم؟

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب
    •  
    • تېلېفون ئارقىلىق ئادرېس تۇتساق، يەنى 抓包قىلساق، بىر مەخپى ئالاقە يولى شەكىللەندۈردىكەن، بۇ بىخەتەرم؟

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب
    •         
    • تىلفۇن ئارقىلىقمۇ كىنو ئادىرسىنى تۇتقىلى بۇلامدۇ

      1ئاي ئىلگىرىجاۋاب