بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Store

بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeسىز بەلكىم كۈنلەرنىڭ بېرىدە Apple Store نىڭ سۇ ئۈستىگە قۇرۇلۇشىنى ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مومكىن. تۈنۈگۈن دۇنيادىكى تۇنجى سۇ ئۈستىگە قۇرۇلغان Apple Store تىجارەتكە كىرىشتى. يېڭى Apple Store نىڭ ئىسمى Apple Marina Bay Sands بولۇپ، سىنگاپورنىڭ دېڭىز ساھىلى قولتۇقىغا جايلاشقان. يىراقتىن قارىغاندا فۇتۇرىزم تىياتىرخانىسىغا ياكى شارسىمان ئالەم كېمىسىگە ئوخشايدۇ.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeمەيلى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ياكى ئىچكى قىسىمدىكى ئەپچىل ئويلاردىن باھا بەرگەندە، نۆۋەتتە ئالما شىركىتى پۈتۈن يەر شارىدا قۇرغان 512 دانە Apple store ئىچىدە، ئۇنى «يەر شارى بويىچە ئەڭ گۈزەل Apple store» دېيىش ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس. تۆۋەندە بۇ يېڭى Apple Store نى تەپسىلىيرەك كۆرۈپ چىقايلى.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple StoreApple Marina Bay Sands سىنگاپوردىكى ئۈچىنجى Apple Store دۇر. سىنگاپوردىكى تۇنجى Apple Store ئىشخانىسى 2017-قۇرۇلغان، ئىككىنجى Apple Store بولسا داڭلىق Jewel Changi ئايدىرومىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆتكەن 7-ئايدا تىجارەت باشلىغان. لىكىن بۇ قېتىمقى Apple Store ھەممىدىن «ئالاھىدە» ئىدى.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeئۇ سىنگاپورنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز ساھىلى قولتۇقى گۈللۈكى، بېلىق قۇيرۇقسىمان شىر باغچىسى، دېڭىز ساھىلى سەنئەت مەركىزى قاتارلىق داڭلىق ئورۇنلارنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، يەنە كىلىپ بۇ يەردىكى بىردىنبىر سۇ ئۈستىدە «لەيلەپ» تۇرىدىغان ئىمارەت.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبۇ Apple store پۈتۈنلەي ئۆزىنى تىرەپ تۇرىدىغان تولۇق ئەينەكلىك گۈمبەز قۇرۇلمىسىدىن ياسالغان بولۇپ، كۈندۈزى ئۇنىڭ ئەينەك يۈزى سىنگاپورنىڭ ئېگىز ئاسمىنى ۋە چايقىلىپ ئېقىۋاتقان سۇلىرىنى ئەينەكتە قايتۇرىدۇ، كەچتە بولسا شارسىمان جىسىم «پانۇس» قا ئايلىنىپ توختىماي چاقناپ تۇرىدۇ، بۇ سىنگاپورنىڭ ئاۋات كېچىلىك تۇرمۇشىغا تولىمۇ ماس كەلگەن.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبۇ Apple store نىڭ لايىھەسى ئالما لايىھە ئەترىتى ۋە ئارخىتېكتور Foster + Partners نىڭ قولىدىن چىققان. Foster + Partners نىڭ نامى ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆپلىگەن  Apple Store لەرنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە قۇرۇلىشىغا قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بېرى، ئۇلار ئالما شىركىتى باش لايىھەلىگۈچىسى Jony Ive بىلەن ھەمكارلىشىپ دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلاردىن Apple Park نى لايىلىگەن ۋە قۇرۇلىشغا يىتەكچىلىك قىلغان.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبۇ قېتىمقى يېڭى Apple store دۇكىنىنىڭ كۆلىمى 17 مىڭ كىۋادرات فۇت بولۇپ، جەمئىي 114 پارچە ئەگرى ئەينەكتىن تەركىب تاپقان، ئېگىزلىكى 17 مېتىر، دىيامېتىرى 30 مېتىر، پەقەت 10 تال تار تىك رامكا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، بۇ يەردە 360 گىرادۇس شەھەر مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بۇ «ئەينەك شارچە» غا كىرگىلى بولىدۇ. بىر خىلى سۇ يۈزىدىكى ئاسما لەيلىمە كۆۋرۈك، يەنە بىر خىلى ياندىكى سودا سارىيىنىڭ سۇ ئاستى يولى. بىراق يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە پەقەت سۇ ئاستى يولى ئېچىۋېتىلدى، بۇ يول بىڭخەي قولتۇقى جىنشادىكى ئاۋات مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە تۇتىشاتتى.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeتۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا دۇكان رەسمىي تىجارەت باشلىدى، تۇنجى خېرىدار سائەت 6 دىن بۇرۇن بۇ يەردە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بولغان ئىدى، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ يەرلىك بولغاچقا، نەق مەيدان ئانچە قىستاڭچىلىق ئەمەس ئىدى.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeخۇددى «غەربىي دۇنيا» ناملىق فانتازىيىلىك فىلىمدىكى ئەقلىي ئىقتىدار بازىسىغا ئوخشاش، بۇ Apple Store نىڭ ئىچكى قىسىمى بىر قاراپلا كىشىگە كەڭ، ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ يەرنىڭ لاھىيە ئىلھامى رىم ئېلاھلار سارىيىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھېچقانداق تۈۋرۈك يوق، پەقەت غايەت زور سۈزۈك گۈمبەزلا بار، بېشىنى كۆتۈرسىلا گۈمبەزنىڭ كىچىكلەپ ئۆتۈشىدىغان تۆشۈككە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تۆشۈكتىن قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشۈپ، پۈتكۈل بوشلۇقنى قاپلايدۇ.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeئەينەكنىڭ ئىچكى قىسمىغا يەنە زاكاز قىلىنغان توسۇق تاختا ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر توسۇق تاختىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بۇلۇڭغا ئىگە بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىنى يوقىتالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرەلەيدۇ، بۇ ئېنېرگىيەلەر كېچىدە يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبوشلۇقنىڭ ئىچكى قىسمى دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ياغاچتىن ياسالغان ئۇزۇن ئۈستەل ۋە مېڭىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئارىسىدا دەرەخ يوپۇرماقلىرى يېقىملىق سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. خۇددى ھەر بىر Apple store ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگىنىگە ئوخشاش، بۇمۇ سىنگاپورنىڭ بىر يېشىل گۈللۈك شەھىرى ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeمەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىدا 150 كە يېقىن خىزمەتچى بار. ئالدىنقى مەزگىلدە بېيجىڭ سەنلىتۈندىكى يېڭى Apple store دا 185 نەپەر خىزمەتچى بار بولۇپ، جەمئىي 10 خىلدىن ئارتۇق تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان شارائىت يارىتىلغان. بۇ Apple store دىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تىل سانى يەنە بىر قېتىم رېكورت يارىتىپ 23 خىل تىلنى سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، ھەقىيقى مەنىدىكى خەلقئارالىق Apple store غا ئايلانغان.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeباشقا Apple Store غا ئوخشاش، Apple Marina Bay Sands نىڭمۇ مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان، «Today at Apple» دەرسلىكىنى قانات يايدۇرىدىغان بوشلۇقى بار.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeبۇ چوڭ تىپتىكى شارنىڭ ئىچىدە، يەنە بىر مۇستەقىل رايونغا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد LED كۆرۈنمە چاستوتا تېمى قويۇلغان بولۇپ، سىنگاپوردىكى سەنئەتكارلار، مۇزىكانتلار، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeيەر شارىدىكى Apple Store لارنىڭ ئورنىنى تاللاشتىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىي بۆلىكى ۋە تارىخى ئۇزۇن جايلارغا جايلاشقان. مەسىلەن، 19 – ئەسىردىكى بېرلىندىكى داڭلىق تىياتىرخانىلار.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeفرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى Opéra مەيدانىدىكى 134 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر بانكا.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeخاڭجۇدىكى بىر يۈزلۈك پۈتۈش باھاسى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 14.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئەينەكتىن تەركىب تاپقان غايەت زور ئەينەك پەردە تام.بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeئىستانبۇلدىكى Mac mini شەكىللىك چۆكمە ئۇسلۇبتىكى Apple Storeبۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق Apple Storeلايىھەلەش + مەھسۇلات + ھېس قىلىش + پىكىر ئالماشتۇرۇش Apple Store نى «توك قاچىلاش پونكىتى»غا ئايلاندۇردى، ئالما مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىستېمالچىلارئارلىقى كىچىكلەپ، ئالاقە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

ئەسلى مەنبە: LearnFans

© ئەسلى مەنبە ھۇقۇقى
THE END
مەزمۇن يارىغان بولسا تارتۇقلاپ قۇيۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس تىز بىرىنچى ئورۇننى ئېلىڭ