كومپيۇتېر ئىلمى توغرىسىدىكى 40 خاتا چۈشەنچە

كومپيۇتېر ئىلمى توغرىسىدىكى 40 خاتا چۈشەنچەھازىر جەمىيىتىمىزدە كومپيۇتېر ئىلمى ( Computer Science قىسقارتىلىپ CS دېيىلىدۇ ) ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئالقىشلىق كەسپىلىرىنىڭ بىرى. بىراق، جەمئىيەتتە بۇ كەسىپكە قارىتا نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەر بار، ھەتتا بۇ كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خاتا چۈشەنچىلەر بار. يېقىندا ئامېرىكىلىق كومپيۇتېر ئىلمى ئوقۇتقۇچىسى بىر دانە تېزىملىك تېزىپ چىققان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى كەسپى ۋە كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىنىڭ ئالدىنقى 40 نى رەتكە تېزىپ چىققان.
1. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى C ۋە ++C تىلىغا پىششىق.2. Java تىلى بارلىق پروگرامما تۈزۈش ئېھتىياجلىرىنىڭ مۇۋاپىق تاللىشى.3. پروگرامما تۈزۈشنى بىلىش كومپيۇتېر ئىلمىنى چۈشەنگە تەڭ.4. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر پىروگراممېر.5. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر پىروگرامما تۈزۈشنى بىلىدۇ.6. كومپيۇتېر ئىلمى پروفېسورى پىروگرامما تۈزۈشنى بىلىدۇ.7. كومپيۇتېر ئىلمى پروفېسورى كومپىيوتېر ئىشلىتەلەيدۇ ۋە ئالاقە تورى پىرىنسىپىنى تولۇق چۈشىنىدۇ.8. ئەگەر بىر يۇمشاق دېتال مېنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىمدا ئىشلىيەلىسە، باشقىلارنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىدىمۇ ئىشلىيەلەيدۇ.9. StackOverflow نىڭ سوئال-جاۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك.10. ئەگەر بىر بۆلەك يېڭى كود توردا پەيدا بولسا، سىزنىڭ ئۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.11. ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتال خاتالىقلار ئاز ۋە بىخەتەر دېتالدىن دىرەك بېرىدۇ.12. ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتال (open software) ۋە ھەقسىز يۇمشاق دېتال (free software) مەنىداش سۆز.13. Unix بىلەن Linux مەنىداش سۆز.14. bash بىلەن sh مەنىداش سۆز.15. git بىلەن GitHub مەنىداش سۆزلەر.16. AWS ۋە «بۇلۇت مۇلازىمىتى» مەنىداش سۆز.18. «شىفىرلاشتۇرۇش» بىلەن «بىخەتەرلىك» مەنىداش سۆز.19. ئەقىللىق پروگرامما تۈزگۈچى ياخشى پىروگرامما تۈزەلەيدۇ.20. پروگرامما تۈزۈش ئىقتىدارى بىر مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى.21. كومپيۇتېر ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇش بىر مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە شەرتى.22. كومپىيۇتېر ناھايتى ئاسانلا پىروگراممىلارنى ئانالىتىك قىلىپ بولالايدۇ.23. كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسىنى قانداق تەھقىقلەشنى بىلىدۇ.24. شىركەتلەر كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇغان خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە قايسى دەرىسلەرنى تاللاپ ئۆگەنگەنلىكىگە قارايدۇ.25. تەقسىملەنمە تور (分布式网络) ئىشەنچلىك.26. ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىك.27. AWS بۇلۇت مۇلازىمىتى ئىشەنچىلىك28. سىز پۈتۈن ھۆججەتنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئوقۇپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.29. ھۆججەت ئۆچۈرۈش توغرا كەلسە، بۇ ھۆججەت يېزىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كىرەك.30. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پروگرامما تۈزۈش ئۇسۇلى.31. كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇغانلار خاككېرلارغا بوزەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار كومپىيوتېرنى ياخشى چۈشىنىدۇ.32. تېخنىكا ۋا ھېسابلاش ئۇسۇلى B تەرەپ ئورۇندا.33. ئىجتىمائىي پەن ئۆگىنىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق.34. سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىز كۆپ مىقداردا ماتېماتىكا ئىشلىتىشكە مۇھتاج.35. ئەگەر بىر خىل تېخنىكا ناھايىتى ئىلغار بولسا، ئۇنى چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك.36. ئەگەر بىر تېخنىكا 5 ياشتىن ئېشىپ كەتسە ، ئۇ يېڭى تېخنىكا ئەمەس.37. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ يەنە خوفمان كودىنى ئۇچرىتىش پۇرسىتىڭىز بار.38. كومپيۇتېر ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە ئىككى ئادەمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بىلىمى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.39. ئىلىم پەن ساھەسى مەلۇم دەرىجىدە رېئال دۇنيا بىلەن ئوخشىمايدۇ.40 . ھېچكىم بۇ يەرگە بۇ خىل سانلىق مەلۇماتنى كىرگۈزمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، يۇقارقىلاردىن باشقا ئەتراپىمىزدىمۇ كومپىيۇتېر ئىلمى، ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىنى چۈشەنمەيدىغان ھەرخىل ئادەملىرىمىز بار. بىلىپ بىلمەي ھەرخىل ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. بەزىدە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان، كومپىيوتېرنى ئاز-تولا چۈشىنىدىغان ئادەم بولماقمۇ تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن: 
1. ئۇكام كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم دىگەنتىڭ، كومپىيوتېرىمغا سىستېما قاچىلاپ بەرگەن بولساڭ.2. ئاداش  كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم دىگەنتىڭ، تېلفۇنىمغا ناخشا قاچىلاپ بەرگەن بولساڭ.3. ئاداش ماۋۇ قىز بالىنىڭ كۇكۇ مەخپىي نومۇرىنى تىپىپ بەرسەڭ، ئاسانلا ئىشقۇ بۇ ھە ساڭا.4. ئاداش ئاددىيلا قىلىپ تاۋباۋدەك سودا بەت ياكى ئەپچىدىن بىرنى ياساپ بەرسەڭ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قىززىقارلىق ئىشلار بەك كۆپ …
ئەمدى بىز بۇ يەردە يۇقارقى نۇقتىلارنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق، كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىگە قادىر بولىشى، ھەممە ئىلىمنى چۈشىنىپ كىتىشى، ياخشى پىروگراممېر بولىشى ناتايىن ئىكەنلىكىكىنى، كومپىيوتېر پىروگراممىلىرى، تور بىكەت، ئەپلەرنىڭ ئاسانلىقچە ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى خالاس.

ئەسلى مەنبە: LearnFans

© ئەسلى مەنبە ھۇقۇقى
THE END
مەزمۇن يارىغان بولسا تارتۇقلاپ قۇيۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس تىز بىرىنچى ئورۇننى ئېلىڭ