ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا…

ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا…ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا...نۆۋەتتە ئامېرىكا چوڭ سايلىمى كەسكىن باسقۇچقا كىردى، «قوغۇن يەيدىغان ئامما» (吃瓜群众) لارمۇ بەس-بەستە تىرامپنىڭ ئويۇننى كۆرمەكتە ئىدى. بۇ يەردە پروگرامما تۈزگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخنىكا تەركىبى بار قوغۇن يەپ باقايلى، يەنى پروگرامما تۈزگۈچى نۇقتىسىدىن ئويلايلى، ئەگەر ترامپ بىر پروگرامما تۈزۈش تىلى بولسا قانداق بولار؟
ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا ئەڭ ئاۋۋال بۇ پىروگرامما تىلىغا پىچەت ئىسىمدىن بىرنى قويماي بولمايدۇ. قانداق ئىسىم قويساق بولار؟ تىرامپتەك بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەمگە لايىق بۇ پىروگرامما تىلىنىڭ نامى Ctrump بولسا مۇۋاپپىقتەك، ئوقۇلىشى [sitrʌmp]، لىكىن #C ئەمەس جۇمۇ. سىتىرامپ-سىشارپ. ئۆز نۆۋىتىدە C پىروگرامما تىلى ئائىلىسىگە تەۋە.
ھىم، ئىسىم قويۇپ بولدۇق، ئەمدى بۇ پىروگرامما تىلىنىڭ logo سى بولۇشى كىرەك. تەپەككۇر قۇشلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم پەرۋاز قىلدۇرۇپ باقايلى، قانداق logo بۇ Ctrump تىلىغا ماس كىلەر؟توختاڭلار ھە، تىرامپ ئەپەندىمنىڭ جىم تۇرسىمۇ يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان سۇمبۇل ئالتۇن چاچلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتۇققۇ، بۇنچە روشەن ئالاھىدىلىكنى logo غا ئىشلەتمىسەك قانداق بولىدۇ. ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا...مانا، Ctrump تىلىنىڭ logo سى پۈتتى. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا ھە…
ھىم، ئىسىم ،لوگو تەييار بولدى. ئەمدى پىروگرامما تىلىنىڭ شۇئارى بولىشى كىرەك. خۇددى «PHP دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پىروگرامما تىلى» دىگەندەك. شۇئارغا يەنىلا تىرامپ ئەپەندىمنىڭ شۇئارىغا ماسلاشتۇرۇپ قويۇش كىرەك. Make C++ Great Again
○ Ctrump تىلىنىڭ bool قىممىتىدە پەقەت False لا بار، True يوق. False نى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھالقىلىق سۆز Fake ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى تىرامپ ئەپەندىمنىڭ نەزىرىدە ھەممە نەرسە يالغان. ئۇنداقتا راسىتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ fake! ھالقىلىق سۆزىنى ئىشلىتىمىز.○ Ctrump تىلى تورغا ئۇلىنىشنى قوللىمايدۇ. چۈنكى ھىچقانداق بىرەر تەشكىلات ياكى ئورگانلار بىلەن ھەمكاشلىرىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ھە دېسىلا باشقا تەشكىلات، ئورگان، توپلاردىن چېكىنىدۇ. بەزىدە TCP،IP ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنى قوللاپ قويىدۇ، لىكىن TCP ئۇلىنىشىدىكى ئۈچ قېتىم قول ئېلىشىشنىڭ تۇنجى شەرتى ئامىرىكىغا باج تاپشۇرىشىڭىز كىرەك. ناۋادا تاپشۇرمىسڭىز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ دەپ قارىلىپ ئەرز قىلىنىسىز.○ Ctrump تىلدا يازغان ھەرقانداق پىروگراممىدىن bug چىقمايدۇ. چۈنكى bug لار بىر كۈنى مۆجىزە خارەكتېرلىك ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خاتالىق تۇتۇش (异常处理) نى قوللىمايدۇ. چۈنكى بۇ تىلدا ھەممە نەرسە "everything is under control"○ تىرامپ ئەپەندىم كاتتا مىليادىر بولغانكىن، Ctrump تىلىمۇ بۇ سالاھىيەتكە لايىق بولىشى كىرەك. شۇڭا Ctrump تىلنىڭ سان قىممىتى بەك چۈپەي بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن 100000000 دىن باشلىنىدۇ. ○ ھەر بىر قۇر $ بەلگىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پىروگراممېردىن ئىش ئۈنۈمىنى سورىغاندا قانچىلىك كود يازدى ئەمەس، قانچىلىك دوللىرى بارلىقىغا قارىلىدۇ. دوللار جىق بولسا يۈز ئابرويلۇق قارىلىدۇ.○ Ctrump تىلى پىروگراممىنىڭ ئىجرا بولغان رايونىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ناۋادا مىكسىكا تەۋەسىدە يېزىلغان پىروگرامما بولسا ئىجرا بولۇشنى رەت قىلىدۇ. ○ Ctrump تىلى include ۋە import  قاتارلىق گىرامماتكىلارنى قوللىمايدۇ، بارلىق ئىقتىدار چوقۇم «Make in America» بولىشى كىرەك.
يۇقارقىدەك amazing ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن Ctrump تىلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە TIOBE 2020 ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما تىللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.ئەگەر تىرامپ پىروگرامما تىلى بولۇپ قالسا...تىرامپ زۇڭتۇڭمۇ ھەر قېتىملىق نۇتۇقىدا Ctrump تىلىن تەشۋىق قىلىپ پىروگراممېرلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا Java، Python قاتارلىق تىللارنىڭ قول قايتۇرغۇدەكمۇ ھالى قالماي بارا-بارا پىروگرامما تىلى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. «PHP دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پىروگرامما تىل»دىگەندەك تالاش-تارتىشلار يوقىلىپ، پىروگراممېرلار بەس-بەس بىلەن ئۆگەنسىلا ئۆمۈر بويى كىسەل يۇقمايدىغان Ctrump تىلىغا يۈرۈش قىلدى. دۇنيادا پەقەت Ctrump تىلى مەۋجۇت بولۇپ پىروگرامما تىلى دۇنياسى چوڭ بىرلىككە كەلدى.مۇرەككەپ پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىش ۋە يېزىشتىن ئازاد بولغان پىروگراممېرلارغا قايتىدىن چاچ چىقىشقا باشلىدى. ئىشتىن بالدۇر چۈشۈپ قىز دوستى بىلەن ئۇچرىشىشقا بارىدىغان ۋاقتى كۆپەيدى. پىروگراممېرلارنىڭ ئىجدىمائىي ئىناۋىتى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى.

ئەسلى مەنبە: LearnFans

© ئەسلى مەنبە ھۇقۇقى
THE END
مەزمۇن يارىغان بولسا تارتۇقلاپ قۇيۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس تىز بىرىنچى ئورۇننى ئېلىڭ